باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەنىڭ يولۇچىلار پاراخوتى ھادىسىگە ئۇچرىدى، 39 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى 80 گە يېقىن ئادەم يوقاپ كەتتى

2015.12.21 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى 20-دېكابر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19-دېكابر ھېندىنوزىيەنىڭ سولاۋېسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە خەتەرگە يولۇققان يولۇچىلار پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى. قۇتقۇزۇش قۇشۇنى 39 ئادەمنى قۇتقۇزۋالدى، ھەمدە ئۈچ قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتنى سۈزۈۋالدى، يەنە 80 گە يېقىن كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوق.

  ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ دېيىشىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پاراخوتىدا 108 نەپەر يولۇچى ۋە 14 نەپەر پاراخۇت خادىمى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 14نەپەر كىچىك بالا بار ئىكەن. قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە پاراخوتتا جەمئىي 120نەپەر ئادەم بار ئىكەن. جۇڭگونىڭ ھىندونىزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل قوغداش خىزمەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاراخوتتتا جۇڭگو پۇقراسى يوڭ ئىكەن.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر