باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۇسەيىن بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.18 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- دېكابىر جىجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىندا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۇسەيىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، جۇڭگو پاكىستان دوستلۇقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردىغان ۋە كېڭەيتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئەنئەنىسىنى ساقلىشى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى، پارتىيەلەر، ئارمىيەلەرنىڭ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك . جۇڭگو پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ بالدۇر پۈتتۈرىدىغان تۈرلىرىدىكى قۇرۇلۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسپى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كارىدورنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ، يول بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، كەڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك . بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا يېقىندىن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك .

  ھۇسەيىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش يىلى، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. پاكىستان- پاكىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن، ھەمدە جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا، ئۇل ئەسلە، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرىلىدى. پاكىستان جۇڭگو ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشى كىشىنى مەمنۇن قىلغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. پاكىستان جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ قويۇق ئالاقىلىشىشنى ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر