باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنتى خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىللىق لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2015.12.21 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرى 18-دېكابىر خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىللىق ئۈلۈش ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھ قىلىش قارار لايىھەسىنى تەستىقلىدى، بۇ ھەل قىلىنماي كەلگەن بۇ ئىسلاھاتنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتنىڭ لىدىرى لاگارد شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى بىر مۇھىم قەدىمى. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارى ئىقتىسادىدىكى سالمىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتى مۇدىرىيىتى 2010-يىلى ئۈلۈش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھات لايىھەسىنى ماقۇللىغان ئىدى. بۇ لايىھەگە ئاساسەن، خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ئۈلۈشى بىر ھەسسە قاتلىنىپ، تەخمىنەن ئالتە پىرسەنت ئۈلۈش جانلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ۋە ۋەكىللىك خاراكتىرى يېتەرسىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر