باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە خوجىلىق مۇلازىمىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ 

2015.12.21 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئولتۇراق رايونلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىسمەن ئولتۇراق رايونلاردا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يۇقىرى بولۇش، مۇلازىمەت كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش، ئوخشاش ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى پەرقلىق بولۇش ئەھۋالى شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغاچقا، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. بۇنداق مەسىلىلەردە كىمنى ئىزدەپ قانداق ھەل قىلىش، نېمىنى ئىسپات قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ھازىرغىچە مۈجمەل ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە» سىنى كېلەر يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغان بولدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىم «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە» سى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: خوجىلىق مۇلازىمىتى خىزمىتى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلە. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ھەم بۇ يىل 6 - ئايدا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى مەركىزىي رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، خوجىلىق مۇلازىمەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامما ۋە جەمئىيەتنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇخەيلۇنمۇ ئولتۇراق رايونلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىدا ياخشى ئىشلەپ، بازارلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «ئولتۇراق رايونلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «يېڭى بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىدە بازار ئارقىلىق تەڭشەش پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلمىغان ئولتۇراق رايونلاردا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى يىغىشتا يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى قوللىنىلىدۇ، ئېگىز بىنالارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆتىنچى دەرىجىدىن بىرىنچى دەرىجىگە قاراپ، ئايدا ھەر كىۋادرات مېتىرى 0.8 يۈەن، 1.1 يۈەن، 1.5 يۈەن، 2 يۈەن بولىدۇ؛ كۆپ قەۋەتلىك ئولتۇراق رايونلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆتىنچى دەرىجىدىن بىرىنچى دەرىجىگە قاراپ، ئايدا ھەر كىۋادرات مېتىرى 0.3 يۈەن، 0.4 يۈەن، 0.5 يۈەن، 0.6 يۈەن بولىدۇ (ھەق ئېلىش ئۆلچىمى%10 ئەتراپىدا تەڭشەلسە بولىدۇ)؛ ئولتۇراق رايونلاردا يول ئىگىلەپ توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايلىق توختىتىش ھەققى 64 يۈەن، مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ 80 يۈەن بولىدۇ؛ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 300 يۈەندىن ئاشمايدۇ، شەخسلەر ئۆزى سېتىۋالغان يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئايلىق مۇلازىمەت ھەققى 15 يۈەن بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، خوجىلىق مۇلازىمەت ئورنى باشقا ھەق تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلاردا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىدە بازار ئارقىلىق تەڭشەش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىدىغان ئۆي ئىگىلىرىدىن ئالىدىغان ئالدىنقى قارارلىق مۇلازىمەت ھەققى ئادەتتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇلازىمەت ھەققىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، يەنى كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئايلىق خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى 0.4 يۈەندىن، ئېگىز بىنانىڭ 1.1 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خوجىلىق مۇلازىمەت باشقۇرۇشىدىكى ئولتۇراق رايوندىن 1391ى بار ئىكەن، 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىن 213ى قۇرۇلۇپتۇ. ئىگىلىشىمىزچە، «يېڭى بەلگىلىمە»دىكى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى 2004 - يىلى يولغا قويۇلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى باھا بىلەن ئوخشاش ئىكەن، دېمەك، كېلەر يىلى يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ، خوجىلىق مۇلازىمەتنىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاراماي غەربىي يولىغا جايلاشقان «جىنياڭ» ئولتۇراق رايونىدا 2001 - يىلى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەن شىنۋېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىدە ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزگىرىش بولمىغان، خوجىلىق مۇلازىمەت باشقۇرۇش ھەققى ھەر كىۋادرات مېتىرغا 0.60 يۈەندىن ئېلىنىۋېتىپتۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولۇش ئۈچۈن، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشى كېرەك ئىكەن.

  كۆپ ساندىكى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى بازار ئارقىلىق باھانى تەڭشىگەندە، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى بىلەن ئاھالىلەر تاپشۇرىدىغان ھەق ماس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلار «سۈپەت بويىچە باھا قويۇش، باھا بىلەن سۈپەت ماس بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى بېكىتەلەيدىكەن.ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى (ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رىقابەت بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كەسىپ ئىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى بىر قەدەر تولۇق، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشى مۇكەممەلرەك بولغاچقا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق سۈپەتنى، باھانى سېلىشتۇرما قىلىپ، مۇلازىمىتى ئەلا، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەن بولغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى تەكلىپ قىلسا بولىدىكەن. «يېڭى بەلگىلىمە»دە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى خوجىلىق مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدە ھەر يېرىم يىلدا (شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە) ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى پايدا كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىگە ئېنىق باھا قويۇشى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۆلچىمى، ھەق يىغىش شەكلى، مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئىسپاتى، پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى خوجىلىق مۇلازىمەت دائىرىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنىدىغان جايغا چاپلاپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، بۇ ئېنىق سان - سىپىرلار ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن قانۇنلۇق ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ مالىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى رايون(ناھىيە)، باشقۇرۇش كومىتېتى(كوچا، يېزا، كەنت)، مەھەللىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرغان بولۇپ، ئەگەر ئاھالىلەر خوجىلىق مۇلازىمەتتىن رازى بولمىسا، بۇ ئۈچ ئورۇننى ئىزدىسە بولىدىكەن. 2013 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يولغا قويۇلغان ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش سىياسىتىدە، ۋاقتى 15 مىنۇتقا يەتمىگەن ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، 2016 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «يېڭى بەلگىلىمە»دە ئولتۇراق رايونلاردا ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئاپتوموبىللار بىر سائەت توختىسا ھەق ئېلىنمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى. «يېڭى بەلگىلىمە» دىكى ئولتۇراق رايونلاردا ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن بىر سائەت ئىچىدە ھەق ئېلىنمايدۇ، دېگەن ئۇقۇم قارىماققا كىچىك ئىشتەك بىلىنسىمۇ، بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەرنى ئىلمىي باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر