باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى دوكتور ئاشتى نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش بازىسى خېبېينىڭ گۇئەنگە ماكانلاشتى

2015.12.21 13:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خېبېي دوكتور ئاشتى نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش بازىسى تۈنۈگۈن خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇئەن ناھىيەسىدە ئىش باشلىدى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 54-تەتقىقاتخانىسى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ ۋەكىللىرى دوكتور ئاشتى نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش بازىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى تاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خېبېي دوكتور ئاشتى نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش بازىسى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇنجى دوكتور ئاشتى نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش بازىسى. بازىنىڭ ئورنى خەلقئارا تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، نەتىجە يارىتىش ئىشلىرى توپلانغان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، دەسمايە ئۆز ئارا يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تېخنىكا تەتقىقاتى، نەتىجە ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش، نەتىجە يارىتىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭى بايلىق توپلانغان يېڭىدىن ئاشۇرۇش قۇتۇپىغا ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر