باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن جىڭدۇڭ يېڭى رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

2015.12.18 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جىڭجۇ شەھىرىنىڭ جىڭدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

  لى كېچياڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانى سىرتىدىكى رۇيى كۆلى بويىغا كەلدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز تۇرۋاتقان جىڭدۇڭ يېڭى رايونى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بىر قاقاسلىق ئىدى. ئون نەچچە يىللىق قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە سودا، پۇل-مۇئامىلە، تۇرالغۇ قاتارلىق ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن، بىر مىليون نوپۇسقا ئىگە يېڭى شەھەرگە شۇنداقلا جىڭجۇ ھەتتا ئوتتۇرا يەر تۈزلەڭلىكى رايونىدىكى مۇھىم مەركىزى سودا رايونىغا ئايلاندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش-جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياجى، ئوتتۇرا غەربىي قىسم رايونىنىڭ تەرەققىياتى غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە. بىز ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن قانۇنىيەتكە بۇيسۇنۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتەڭ يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولىدۇ شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۈزەتكۈچى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى رايونلار بىلەن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىشنى خالايدۇ.

  ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققتىنى جەلىپ قىلماقتا، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى يۇقىرى، تەرەققىيات ئستىقبالى پارلاق، كۆرۈنەرلىك ھەمكارلىق پۇرسىتى يوشۇرۇنغان. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، جۇڭگو بىلەن يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى رايونلار بىلەن ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر