باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ «كىم تەستىقلىسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم دېلو بېجىرسە شۇ مەسئۇل بولۇش»نى تەكىتلىدى

2015.12.18 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىپ چەكلەشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، «كىم تەستىقلىسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم دېلو بېجىرسە شۇ مەسئۇل بولۇش»نى تەكىتلىدى.

  «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش تارماقلىرى ۋە دېلو بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشىنى تۈزىتىش، خاتىرىلەش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»دە 18 ئەھۋالنى قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشى دەپ مۇقىملاشتۇردى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  پاش قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرز قىلىش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش، چەكلەش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، چەكلەش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش؛ دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قورال، ساقچى سايمانلىرى ئىشلىتىش ياكى ئۇرۇش، تەن جازاسى بىلەن قىيناش، خورلاش؛ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، زورلۇق بىلەن دەلىل - ئىسپات ئېلىش؛ خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇماندارلارنى سوراق قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە ماس قەدەمدە ئۈن-سىنغا ئالماسلىق؛ ئىسپاتنى يوشۇرۇپ، بۇزۇۋېتىپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئەمەلىيەتكە خىلاپ باھالاش پىكرى بېرىش ياكى گۇناھسىز كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈش؛ قانۇنسىز ئاختۇرۇش، دېلوغا چېتىلغان مۈلۈكنى قانۇنسىز پېچەتلەش، تۇتۇۋېلىش، توڭلىتىپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىش؛ قانۇندا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق؛ قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلماي، ئادۋوكاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛ قانۇنغا بەلگىلەنگە تەرتىپكە خىلاپ ھالدا دېلو بېجىرىشقا ئارىلىشىش؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئۈچۈن دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەۋەر يەتكۈزۈش ياكى دېلو مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش؛ تەپتىش ھوقۇقى ياكى دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش؛ ھوقۇق ھالقىپ دېلو بېجىرىش، ئىقتىسادىي ماجىرالارغا قول تىقىش، دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىش، قالايمىقان ھەق يىغىش ياكى ئۆي مۈلۈك ۋە قاتناش، خەۋەرلىشىش قورالىنى ئىگىلىۋېلىش؛ ئەرزگە قانۇن بويىچە قارىماسلىق، مەمۇرىي ئورگانلار ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ يۈرگۈزۈپ ياكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەي نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ناچار تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ باشقا قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋەھاكازالار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر