باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

« قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز»

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قارىقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەققىدە

2015.12.18 17:03   مەنبە: خەلق تورى

« قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىدە مۇخبرلىق قىلغىنىمدا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قارىقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بارغىنىمدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى لى خەيجۈننىڭ باشچىلىقىدا كەنت قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدا كەنتتىكىلەرگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزىۋاتقانىكەن.

  گۇرۇپپا باشلىقى لى خەيجۈن بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ ماڭا چوڭكۆل كەنتىنىڭ تۈۋەت يېزىسىنىڭ چەترەك يېرىگە جايلاشقان بىر كەنت ئىكەنلىكىنى، بۇ كەنتتە يۈزىنى يۆگىۋالىدىغان، ساقال قويىۋالىدىغانلار كۆپ، دىنىي كەيپىيات ئېغىرراق نۇقتىلىق تۈزەش كەنتى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن بۇرۇن كەنتتە بىرقانچەيلەننىڭ قانۇنسىز دىنىي سورۇن ھازىرلاش، يەرئاستى دىنىي ئوقۇتۇش ئورنى قۇرۇشتەك ئىشلار بىلەن تۈرمىگە كىرگەنلىكىنى شۇڭا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپتىلا كېلىپ كەنتتە ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا كەنتتە دېھقانلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ھەم بۇنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

  ـــ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ تۇنجى ئىشىمىز ئۆيلەرنى ئارىلاپ «تۆت پىشقەدەم» لەرنى يوقلىدۇق، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، دىن سىياسەتلىرىنى يەتكۈزدۇق. نۇرمۇھەممەت سايىتقا ئوخشاش 1970 –يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 1980 – يىللىرى پارتىيىگە كىرگەنلەرنى كەنت كومىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ئاساسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىنكى يېقىنقى بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ پارتىيىگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىقى ئاشۇردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار يەنە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى، تۈرلۈك ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ جەمئىيەتكە زىيانلا سالىدىغان ئىدىيە ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. بىزمۇ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى چىڭ تۇتتۇق. ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر ئاي ئىچىدە داڭلىق تۆت سوتچىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تەكلىپ قىلىپ كەنتتىكىلەرگە قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتتۇق، 35مەيدان لېكسىيەدە ئاڭلىغان دېھقانلار سانى 280ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ كەتتى.- دېدى لى خەيجۈن ماڭا.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆيلەرنى ئارىلاش جەريانىدا بۇ كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى، تۆي – تۆكۈنلەردە ناخشا – مۇزىكا بولمايدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن كەنت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تەقەززالىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ەۇرۇپپىسىنى مەبلىغىدىن كەنتكە ۋاسكېتبول، پۇتبول، پەي توپ، تىك – تاك توپ، تۈرلۈك كىتابلارنى ئېلىپ ۋاسكېتبول كوماندىسى تەشكىللىگەن، «ئالمىچاق» سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن. كەنت كومىتېتى قورۇسىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ۋاسكېتبول، ۋالىبول مەيدانى ياسىغان، ياشلارمۇ بارا – بارا بۇ يەرگە ئۆگىنىپ بىكار بولسىلا كەنت كومىتېتىغا كېلىپ تۈرلۈك توپلارنى ئوينايدىغان، كىتاپ كۆرىدىغان بولغان. بولۇپمۇ ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان كەنتتە كەنت سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ كەنت كومىتېتىدا تەسىس قىلىنغان مەدەنىيەت سەھنىسىدە تۈرلۈك ئېتوت، ناخشا، ئۇسسۇللار توختىماي، بىر مەدەنىيەت قىزغىنلىقى قوزغالغان. كەنتتىكىلەرمۇ ھەر شەنبە كۈنى كەنت كومىتېتىغا ئۆزلىكىدىن كېلىپ بىلگەن ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، قىزىق گەپلىرى بولسا سۆزلەپ كېتىدىغان بولغان.

  ئاخىرقى رەتتىن 1 – رەتكە ئۆتۈش

  ـــ كەنت مەدەنىيەت قىياپىتىدىكى بىر زور ئۆزگىرىش «1 – ئىيۇل» پارتىيە بايرىمىغا ئاتاپ يېزا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە كەنتىمىزدىكى كەنت سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا بولۇپ تاللانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1 – بولۇپ باھالانغانلىقى بولدى،- دېدى لى خەيجۈن ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن كەنت سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان يارمۇھەممەت ئىبراھىم بۇ ھەقتە ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.

  كەنت سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر شەنبە كۈنى كەنت كومىتېتىدا ئويۇن قويۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان. كېيىن يېزا بويىچە «1 – ئىيۇل» پارتىيە بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كەنت سەنئەت ئۆمىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولغاندا كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن.

  ـــ بىز تۇنجى قېتىملىق تاللاشدا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدۇق، شۇنىڭ بىلەن كەنت سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر ئارىسىدا كەيپىيات سۇسلىشىپ كېتىش، ھەتتا كەلمەيلا قويىدىغان ئەھۋال يۈز بەردى. ئۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە بېرىپ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلار بىز شۇنچە تىرىشتۇق، پىزغىرىم ئىسسىقتا، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىمىز يىغىلىپ بولۇنمىغان شارائىتتىمۇ مەشىق قىلساق ئاخىرىدا بىر نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىسەك بۇنداق ناخشىنى ئېيتمايلى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن خىزمەت گۇرۇپپىمىز دەرھال بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. نىمە سەۋەبتىن بۇنداق ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدۇق دەپ قايتا – قايتا ئويلاندۇق. ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى، باشقا كەنت ئۆمەكلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئاخىر ئېيتقان ناخشىمىزدىكى، كىيگەن كىيىمىمىزدىكى، تۇتقان بايراق شەكىللىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېىپ چىقىپ، كەنت سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى خۇلاسىلىدۇق ھەم تېزدىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردۇق. كىيىملەرنى بىر تۇتاش قىلدۇق، سەھنە قىياپىتىمىزنى قايتىدىن روھلاندۇردۇق، ئاياللار بېشىدىكى ياغلىقلىرىنى ئېلىۋەتتى، بوينىغا ئەتلەستىن شارپا ئاستى، قولىغا دۆلەت بايرىقى تۇتتى، ئۇسسۇلچىلىرىمىزمۇ دۆلەت بايرىقى ۋە پارتىيە بايرىقىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا ئۆزگىچىلىك ياراتتى. ئىشقىلىپ 10كۈن ئىچىدە بىز بۇ ئىشقا باش قاتۇرۇپ قىلمىغان ئىشىمىز قالمىدى. كېچە – كۈندۈز ئويىمىز مۇشۇ ئىش بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا كەنت سەنئەت ئۆمىكىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1 – بولۇپ باھالىنىپ چىقتى. كەنت سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر بۇ ئىشتىن ناھايىتى خۇشال بولدى. بۇ ئىش بىر تەرەپتىن كەنتتىمىزدە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا ئىشلەنگەن بىر زور خىزمەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر نامايەندە بولدى. شۇنىڭ بىلەن كەنت سەنئەت ئۆمىكىمىز يېزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزىدىكى 21كەنتكە بېرىپ ئويۇن قويدى، ھەتتا يېزىغا ۋاكالىتەن ناھىيە بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى،- دېدى يارمۇھەممەت ئىبراھىم ماڭا.

  ـــ يارمۇھەممەت ئاكا، ئاخشام تېلىۋېزوردىن «ئانام چىرايلىق» دىگەن بىر ناخشىنى ئۆگىنىۋالغانتىم، سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي دەپ كېلىشىم،- دەپ بىر ياشقىنە يىگىت ئۇددۇللا كىرىپ كەلدى يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ياتىقىغا پاراڭ ئارىلىقىدا.

  ــ- كېلە ئۇكام، كېلە، يۇقىرىغا ئۆت،- يارمۇھەممەت ئاكا ئۇ يىگىتنى يۇقىرىغا باشلاپ،- بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى مەتتۇرسۇن، كەنت سەنئەت ئۆمىكىدىن.

  يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە مەتتۇرسۇن روزى كەنتتىكى ياشلارنىڭ ئىچىدە خېلى جانلىقى بولۇپ، ياش 35دىن ئاشقان مەتتۇرسۇن 10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەنتتىكى داڭلىق سازەندە ئىكەندۇق.

  ـــ بۇرۇنلىدا مەھەللە كويلاردا خېلى ساز چېلىپ، بالىلار بىەن ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان، نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇ ئانى قىلساڭ بولمايدۇ، ساز چالساڭ بولمايدۇ، ناخشا ئېيتساڭ بولمايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىساڭ دوزاخقا كىرىسەن دەيدىغان ئىدىيەلەر ئاسارىتىدە كەنتتە ساز چالىدىغان سورۇن ئازلاپ كەتتى ھەتتا چالسا باشقىلار خاپا بولىدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن كەنت سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ مۇشۇ قىچىشقان قوللىرىمنىڭ ھادىقى چىقتى،- دېدى مەتتۇرسۇن مېنىڭ مۇخبىرلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كەنتتىكىلەرگە يېڭى ئىدىيە يەتكۈزۈش

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنىڭ خېلىلا تۆۋەنلىكىنىڭ بۇنىڭ ئاساسلىقى قالاق يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى پائالىيىتىدە يېزا – ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش مۇلازىمەت خىزمىتى ھەققىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە 13 – مايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى سېستىمىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنى چوڭكۆل كەنتىگە تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارغا ئىلغار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەتكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قوشنا كەنت خانلىقئېرىق كەنتىدىكىلەرمۇ كېلىپ دەرس ئاڭلىغان. شىنجاڭ يېزا – ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسىس ھەلىمە تۇرسۇن دېھقانلارغا «پەن – تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى، پەن – تېخنىكا بايلىق» دېگەن تېمىدا دېھقانلارغا پەن – تېخنىكا ئارقىلىق باي بولۇش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىش، پارتىيەنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ھەققىدە دەرس سۆزلىگەندە نۇرغۇن دېھقانلار بەس – بەستە ياڭاقنى قانداق ئىلمىي يېتىشتۈرۈش، ھاشارەتلەردىن قانداق مۇداپىئە كۆرۈش، سورتىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش، ئۇلاش تېخنىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە سۇئال سورىغانلىقتىن ئىككى سائەتلىك لېكسىيە ۋاقتى تۆت سائەتكە سوزۇلۇپ كەتكەن.

  ـــ مۇتەخەسىسلەرنىڭ لېكسىيەسى كەنتتىكىلەر ئارىسىدا خېلى داغدۇغا قوزغىدى، ئۇلار مۇتەخەسىلەرنىڭ پات – پات كېلىپ تەجرىبە ئكگىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بەس – بەستە ئېيتىشتى،- دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزاسى ئەركىن ئابدۇرېشىت ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا،- شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن دېھقانلار ناھىيە ۋە ۋىلايەتتىكى داڭلىق ئۇلاقچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئېتىزلىقىدىكى ياڭاقلىرىنىڭ سورتىنى يېڭىلاتتى. قوناق، بۇغداي تېرىشتىمۇ ئىلمىي تېخنىكىلارنى قوللاندى. مېنىڭچە بۇ يىللىق دېھقانلارنىڭ دارامىتىدە بۇلتۇرقىدىن ئېشىش بولىدۇ.

  «خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ماڭا ئىگە بولدى»

  ـــ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مېنىڭ ئىنىمنىڭ پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغىلى تاس قالغاندا ماڭا ئىگە بولۇپ ئىنىمنى داۋالىتىپ بەردى، يول مېڭىشىپ بەردى، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا ۋە دوختۇرنى تېپىپ داۋالاتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن،- دېدى زىيارەت جەريانىدا خەيرىنساخان مامۇت ئۆيىدە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ماڭا.

  خەيرىنساخان مامۇت كەنتتنىڭ ئاياللار مۇدىرى بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ پۇتى ئاغرىپ ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىلردا يېتىپ داۋالانسا، داۋالش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم بارغان خەيرىنساخاننىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئارىلىقتا ئۈرۈمچىگە دەم ئېلىشقا ماڭغان بىرقانچە كادىرنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىدۇ، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىش، تەكشۈرتۈش، دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشى قاتارلىق ھەممە ئىشلىرىغا ياردەمدە بولىدۇ، ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ خەيرىنساىان ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن چوڭكۆل كەنتىگە چۈشكەن تۇنجى نۆۋەتلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شيې مېيمۇ ئالەيتەن كېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ كېتىدۇ.

  ـــ ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە دەرس ئۆتۈش، بالىسى يۈتۈپ كەتكەنلەرگە ياردەملىشىپ كېچىچە ئىزدەش، ئۆيىگە ئوت كەتكەنلەرنىڭكىگە بۆسۈپ كىرىپ ئوت ئۆچۈرۈش، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىش، مۇرەسسە قىلىپ كېلىشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش، دېھقانلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى پائالىيىتىدە قىلغان ئازدۇر – كۆپتۈر ئىشلىرىمىزنىڭ كارتىنىلىرى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق شىنجاڭنى باشقۇرۇش، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز،- دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى لى خەيجۈن ماڭا ئاخىرىدا.

  سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتىكىلەرگە قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە دەرس ئۆتمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ