باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: ئامېرىكىنىڭ ھازىر تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ ككېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئاخبارات يوق

2015.12.18 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا: ئامېرىكىنىڭ ھازىر كونكرېت، ئىشەنچلىك تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات يوق دېدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچ تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، بۇ چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىش، تېررورچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇش شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋە مەھەللىلەر، پەن–تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۆز زېمىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن مۇداپىئەلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئوباما شۇ كۈنى مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ھازىر ئامېرىكا دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى ئاساسلىقى كىچىلىك تەشكىلات ياكى شەخسلەر قوزغىغان تەنھا بۆرە شەكلىدىكى ھۇجۇملار، بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ تەس. ئۇ: ئامېرىكىلىقلار بايرام ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە ھوشيارلىقىنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر