باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2015.12.18 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قوشۇشنىڭ باش تەلىپى ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا كاپالەت سىستېمىسى، قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بازارنىڭ مەبلەغ تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ سىرتقا بولغان ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشنى ئىگىلەش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، ئەتراپنى مەۋقە قىلغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا تەسىر كۆرسىتىدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشتە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىش، مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئىلمىي باھالاش، خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتەك ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر