خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مەدەنىيەتنى قانۇن بويىچە گۈللەندۈرۈش» دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 18 – دېكابىر شىنجاڭ موزېيىدا باشلاندى. ئىگىلىشىمچە 10كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۆرگەزمىگە ئاپتونوم رايون بويىچە 20داڭلىق دېھقان رەسسامنىڭ 100پارچە ئەسىرى قويۇلغان.
سۈرەتتە: كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش
مەنبە: خەلق تورى