باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر «لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى» ئىمزالىدى

2015.12.18 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيەدىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى پارتلامىنتنىڭ بەزى ۋەكىللىرى ۋە لىۋىيە سىياسىي سۆزلىشىشىگە قاتناشقان بىر قىسىم مۇستەقىل زاتلار تۈنۈگۈن ماراكەشنىڭ سىھرات شەھىرىدە «لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكى «لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى» نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، لىۋىيەنىڭ سىياسى سۆزلىشىشىدە بارلىققا كەلگەن توققۇز كىشىلىك زۇڭلى كومىتېتى مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى بولىدۇ.

  كېلىشىمدە: يېڭى مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى لىۋىيە دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىگە زەربە بېرىش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەقىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوزغىتىش، قانۇنىسز كۆچمەنلەرنى تىزگىنلەش قاتارلىق بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەرنى دەرھال قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر