ئۆز مۇخبىرىمىز ئايگۈل ئابدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى«(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)نىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئېلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۆرىگۈل تۇرسۇن ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرساھەدىن كەلگەن زاتلار قاتناشتى.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە)نىڭ بۇ پائالىيىتى 20 يىللىق، 25 يىللىق، 30 يىللىق تويلىرى ۋە گېزىتنىڭ 10000-سانىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىق تەبرىكىدىن كېيىنكى يەنە بىر كاتتا خۇش خەۋەر بولۇپ، جۇڭگودىكى نەچچە مىڭ گېزىت ئىچىدىن ئۈزۈپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نەتىجىگە يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 500دىن كۆپ ئادەم ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدى.