باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىنتىل»دىن يەنە خۇشخەۋەر تارقالدى

2015.12.18 09:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئانا تۇپراق» تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان «گۈزەل قاشتېشى» مېھمانخانىسىدا شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ جۇڭگو مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتىلىكىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى، «ئىنتىل» ماركىسىنىڭ «جۇڭگودىكى داڭلىق ماركا» مۇكاپاتىغا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ «ئۈلگىلىك ساخاۋەت مەكتىپى» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى 2009 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئابلەت ئابدۇللانىڭ تىنىم تاپماي ئىزدىنىشى ۋە بۇ مەكتەپتىكى خادىملارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ھازىر 120دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا ئىگە چوڭ قوشۇنغا، سىستېمىلاشقان ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى، مۇكەممەل ئۆگىنىش، ياتاق مۇھىتىغا ئىگە زامانىۋى ئوقۇتۇش بازىسىغا ئايلانغان. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، يەكەن، قورغاس قاتارلىق جايلىرىدا «ئىنتىل» مەكتىپىنىڭ تارماق مەكتىپى قۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەكتەپ قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ئابلەت ئابدۇللا ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇشقا تەشنا ئوقۇغۇچىلارغا، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىپ كەلگەن.

  شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپ ۋە ساخاۋەت ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ قوشۇنغا ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر