باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىر تۈركۈم پاكىز ئېنېرگىيە چوڭ تۈرىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى

2015.12.18 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئاۋال گۇۋاھنامە بېرىش ئاندىن كېنىشكە تارقىتىش» ئىسلاھاتىدا «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، « ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىشنى؛ بىر تۈركۈم سۇ ئىلىكتىر يادرۇ ئىلىكتىر قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە چوڭ تۈرىنى تەستىقلاپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى؛ 2015-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى تەستىقلاشنى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايون خەرىتىسى لايىھەسى»نى ماقۇللاشنى قارار قىلدى.

  دۆلەتلىك ئۇچۈر مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى زۇ شىنيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىنىشكە بىلەن گۇۋاھنامە-كارخانىنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى ئىككى ئاچقۇچ. نۆۋەتتە ئېلىمىز يولغا قويۇۋاتقان « ئاۋال كىنىشكە بېرىپ ئاندىن گۇۋاھنامە تارقىتىش» سودا ئىشلىرىنى تېزىملاش تۈزۈمىدە- كارخانىلارنىڭ بازارغا كىرىشى ئاستا، بازارغا كىرىشى قېيىن بولۇش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، قايتىدىن تېزىمغا ئېلىش مۇلازىمىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۈت. بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «كىنىشكە بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» سودا تۈزۈمىنى خەلقئارا قائىدىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى كەسىپلەرنىڭ ئىجازەتلىك كېرىشىتىكى تەستىقلاش ئىشلىرى كۆپ بولۇش، تەستىقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، تەستىقلاش جەريانى ئاشكارا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بازارغا كىرىش ئۆلچىمىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، بازار سوبيىكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارنى كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر