باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق ئىجارە ئۆي ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى

2015.12.18 13:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى مىسكارلىق(چىداۋان) تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ پېيخۇي ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنى مەھەللە كومىتېتىغا باشلاپ كېلىپ، تىزىملىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئون نەچچە مىنۇتتىلا بېجىرىپ بولدى.

  كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسى 2012 -يىلى 6 -ئايدا قۇرۇلغان يېڭى مەھەللە بولۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 1000غا يەتمىسىمۇ، بىراق كۆچمە ئاھالە 10 مىڭغا يېقىنلىشىدۇ. ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي كۆپ بولۇش، ئىجارە ئۆي ۋە كۆچمە ئاھالە كۆپ بولۇش بۇ مەھەللىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە يېڭى قۇرۇلغاندا، كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇشتا كونا ئۇسۇل قوللىنىلغاچقا، قىسمەن ئۆي ئىگىلىرى ئاكتىپ ماسلاشمىغانىدى، نۇرغۇن كۆچمە ئاھالە تىزىملىتىپ كىنىشكا ئالمايلا ئىجارە ئۆيلەرگە كىرىۋالاتتى»، دېدى.

  كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسى كۆچمە ئاھالىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، تەپەككۈرىنى ئۆزگەرتىپ، 2013 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ «مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويدى. يەنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى كېلىشكەندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسى كۆچمە ئاھالىنى مەھەللە كومىتېتىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىدۇ، مەھەللە ساقچى ئىشخانىسى تەلەپ بويىچە ئۇنى تەكشۈرىدۇ. «كۆچمە ئاھالىنىڭ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى ئالغاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بىلەن توختام تۈزىدۇ، ئاندىن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلەيدۇ.

  ۋاڭ چېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەھەللە ئايدا بىر قېتىم ئۆي ئىگىلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئۆي ئىگىلىرىنى كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن، تىپىك دېلولار ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە قاتنىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەھەللە يەنە ھەر ئايدا باشقۇرۇشى بىرقەدەر ياخشى، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ئالتە مۇنەۋۋەر ئۆي ئىگىسىنى باھالاپ، ھەر بىرەيلەننى 400 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان.

  ئۆي ئىگىلىرى قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ مەھەللە ئىلگىرىكى ئۆي ئىگىلىرى كارى بولمايدىغان، مەھەللە كومىتېتى شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئۆتىدىغان باشقۇرۇش ھالىتىدىن ئۆي ئىگىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان، مەھەللە ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان تەرتىپلىك باشقۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ماسلىشىش ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۆي ئىجارە بېرىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق مەلۇم قىلىدىغان ھەم ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنى مەھەللە كومىتېتىغا باشلاپ كېلىپ تىزىملىتىپ، تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرىدىغان بولدى.

  كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسى «مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇشتا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ تېگى - تەكتى، ئەھۋالى ۋە ئىجارە ئۆيلەرگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەچكە، تەۋەلىك رايوننىڭ مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  ۋاڭ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەۋەلىكىمىزدىكى كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ تىزىملىتىش، تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، تىزىملاتماي ئۆي ئىجارە بېرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىدى. تەۋەلىك رايونىمىزنىڭ ئامانلىق مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، ئامانلىق ساقلاش دېلولىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئازىيىپ، چوڭ زىددىيەت ۋە ماجىرا يۈز بەرمىگەچكە، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى.

  بۇلاقتاغ رايونى 2015 - يىلىنىڭ بېشىدا كۆرگەزمە مەركىزى مەھەللىسىنىڭ «مېھمانخانا شەكلىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىلغار تەجرىبە سۈپىتىدە كېڭەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر