باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز« رەقەملىك يىپەك يولى» ئارقىلىق ئۇچۇر توسۇقىنى تۈگىتىدۇ

2015.12.18 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىنىڭ ۋۇجېن باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى«ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمە رايونىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 250 تىن ئارتۇق ئىنتېرنېت كارخانىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى كۆرگەزمە قىلىپ بەسلەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتورى بولغان بەيدۇنىڭ كۆرگەزمە ئورنى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  ئاساسىي كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدىغا، يېڭىلا سىناق قىلىنغان سۈنئىي ئىقتىدارلىق «ئادەمسىز ماشىنا» توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە تاختىسىدىكى«بەيدۇ تەرجىمىسى تىلنىڭ راۋان بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولدى» دېگەن پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇ خىل ماشىنىنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارى بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسىدىكى 14 خىل تىل تۈرى،33 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان.

  بىر تەرەپ تورغا ئۇلانغان «ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى»، يەنە بىر تەرەپ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتۇشقان «بىر بەلباغ، بىر يول»، ھازىر جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئىنتېرنېت كارخانىلىرى بەيدۇغا ئوخشاش «ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى»دىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قوللىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن پايدىلىنىپ، چەتئەل بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى» بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر توسۇقىنى تۈگەتمەكتە.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە ئاران 6.7% ئائىلىلا تورغا چىقالايدىكەن، ئەمما دۇنيا مىقياسىدا بۇ جەھەتتىكى ئوتتۇرىچە سان 46 % گە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە 80% كە يېتىدىكەن ، شۇڭا، «رەقەملىك يىپەك يولى» قاپلىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر توسۇقى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە بۇنى تىرىشىپ يېڭىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاۋ خولىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىرىدىكى شانلىق نەتىجىلىرى، جۇڭگونىڭ«ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى» ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيتىپ، دۇنيا تېلېگراف ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەيدىكى باش كونسۇلى دوكتور ۋالېرىي ماتسېيلىف مۇنداق دېدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»دا ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش -بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدىكى بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى بار، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى بار، بۇ تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ،ئورتاق نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇسۇل.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر