باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى 17-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.12.18 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى 17-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى- جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۈگىنىش، جۇڭگو دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش. دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى چىن چاڭجى دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  يىغىندا يەنە دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، «ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چاڭجىياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى»، «پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە تېخنىكىنى يۆتكىلىشى تېزلىتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، جۇڭگو دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئومۇمى يىغىنىنىڭ قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر