باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يولدىشىنى «تىللاپ ئۆلتۈرۈپ قويغان›› ئايال ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2015.12.18 13:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەر-ئاياللار ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ خۇڭغا نىسبەتەن بۇ «ئۇرۇشۇش» مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغىدەك «ئۇرۇشۇش» بولۇپ قالدى. ئۇ يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىش جەريانىدا يولدىشىنى «تىللاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  16-دېكابىر دېلو بېجىرگەن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جاڭ خۇڭ يولدىشى لى چياڭ ۋە لى چياڭنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىدىن بولغان ئوغلى لى دۇڭ بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بالىسى يوق بولغاچقا، جاڭ خۇڭ لى دۇڭنى پۈتۈن مېھرى بىلەن باققان.

  2014-يىلى 2-ئايدا لى چياڭ جاڭ خۇڭنىڭ خىزمەت ئورنىغا كېلىپ، لى دۇڭغا ئۆي ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەن. جاڭ خۇڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئېيتىپ، كېيىنرەك ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان. ئىلگىرىمۇ ئىككەيلەن بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كۆپ قېتىم گەپ تاكاللىشىپ قالغان، بۇ قېتىم جاڭ خۇڭنىڭ پوزىتسىيەسى لى چياڭنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان، ئۇ جاڭ خۇڭنى تىللاپ 600 مىڭ يۈەن چىقىرىشقا قىستىغان. جاڭ خۇڭ لى چياڭنىڭ پوزىتسىيەسىدىن رازى بولماي ئاچچىقىدا «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولمىسا، نېمىشقا پۇل چىقارغۇدەكمەن !» دەپ ۋارقىرىغان.

  جاڭ خۇڭنىڭ ئىدارىسىدىكى تېلكامېرادىكى سىن كۆرۈنۈشتە ئىككەيلەن 20 مىنۇتتەك تاكاللاشقاندىن كېيىن، لى چياڭ تۇيۇقسىز بىر قولىدا كۆكرىنى تۇتقىنىچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈستەلگە يىقىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  گەرچە جاڭ خۇڭ 120 گە دەرھال تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، بىراق لى چياڭنىڭ يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاڭ خۇڭ ج خ تارماقلىرىغا ئەھۋالنى تولۇق ئېيتقان. 1-دېكابىر ئېچىلغان سوتتا جاڭ خۇڭ لى چياڭنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان، دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر