باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 بېكىتىنىڭ نامى بېكىتىلدى

2015.12.18 13:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 ئورۇندىكى بېكىتىنىڭ نامى بېكىتىلىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز بېكەتنىڭ نامىدا ئۆزگىرىش بولغان. بۇ 16-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى رايون پىلانلاش، يەر ناملىرى باشقارمىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى جەنۇبتا يەنئەن يولىدىن باشلىنىپ، يەنئەن يولى، داۋان يولى، بەخت يولى، خەلق يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، نەنچاڭ يولى، پىڭچۈەن يولى، ۋېيتەي يولىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەت خۇاڭشەن يولىغا يېتىپ بېرىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19.35 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن لىنىيەگە 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2020-يىلى قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن.

  نۆۋەتتە، مەركىزىي شەھەردە 2-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى يەر ناملىرىنى پىلانلاش باشقارمىسى مەركىزىي شەھەرنىڭ مېترو بېكەتلىرىگە قايتىدىن نام قويغان.

  «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامىنى يەر نامى قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ نامى، يەر نامى ۋە ئاھاڭداش خەتلەرنى، يېقىن كېلىدىغان خەتلەرنى يەر نامى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ ئىشلەتكەن خەتلەر ھەممىباب، ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان، يېڭى سۆزلەردىن خالىي بولۇشى كېرەك. ئىلگىرىكى ئىشلىتىش پىلانغان 16 بېكەت ئىسمىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بېكەت ناملىرىغا كونا يەر ناملىرى، ئەتراپتىكى يوللار ۋە ئەتراپتىكى جۇغراپىيەۋى ئورۇنلارنىڭ ناملىرى ئىشلىتىلگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، توققۇز بېكەتنىڭ نامىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى بېكىتى شامالباغ بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئەرداۋان بېكىتى خېيجاشەن بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى مائارىپ ئىنىستىتۇتى بېكىتى بەخت يولى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتى بەخت يولى غەربىي بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئىستىرېئولۇق كۆۋرۈك بېكىتى ئوتتۇرا كۆۋرۈك بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكە نەنچاڭ ئولتۇراق رايونى بېكىتى نەنلياڭپو بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئالغا كوچىسى بېكىتى جيۇجياۋەن بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئېلېكتىروۋۇز بېكىتى ئۈرۈمچى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى خۇاشەن يولى بېكىتى خۇاشەن كوچىسى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 بېكىتىنىڭ نامىنى قېلىپلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى رايون پىلانلاش، يەر ناملىرى باشقارمىسى پۈتۈن شەھەردە ھازىر بار بولغان بارلىق ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى، كوچا ناملىرىدا ساقلانغان نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى، ناملارنى تەكرارلىنىش ھادىسىلىرىنى ئۆزگەرتىدىكەن بۇنىڭدىن كېيىن، ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھۆججەت، كىنىشكا، كىنو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، ئېلان قاتارلىقلاردا ئىشلەتكەن يەر ناملىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغان يەر ناملىرىنى ئۆلچەم قىلىشى، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەككەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر