باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە قانناش ۋەقەسىنى تىز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

2015.12.17 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 16-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يول قاتناش ھادىسىسىنى باھالاش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، تيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى پەن - تېخنىكا رايونى ( يېڭى شەھەر رايونى )، بۇلاقتاغ رايونى ھەمدە شەھەر تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدە يول قاتناش ھادىسىسى تېز بىر تەرەپ قىلىش سىستېما ئۈسكۈنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇلۇپ، بۇ قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداننى سىزىدىغان كۈنلەرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر پارچە سۈرەت ۋە سىستېما تەھلىل قىلىپ ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان ھادىسە نەق مەيدان سۈرىتى ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ 15مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقا قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  نۆۋەتتە،ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى شەھەر رايونىدىكى بەش قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەر قايسىغا بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە سەپلەپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە رېيكا، بەلگە تاختا، كامىرا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك پىرىنتېر، يان كومپيۇتېر قاتارلىقلار بار، سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن، كومپىيوتېر ئىچىدىكى سىستېما ئارقىلىق سۈرەتنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك پرىنتېر بىلەن نەق مەيداندا بېسىپ چىقارسا بولىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، يول قاتناش ھادىسىسى باھالاش مەركىزى ئېچىش ئۈچ ئۆلچەملىك ئۆلچەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان تەكشىلىكتە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىنى تۇلۇقلاش، شۇنداقلا نەخ مەيدان كۆرۈنۈشىنى تىزلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر