باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، جاڭجياكۇۋ قاتارلىق ئالتە شەھەر يەكشەنبىدىن باشلاپ قاتناش ھەممىباب كارتىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ

2015.12.17 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر ئاھالىسى يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەممىباب كارتا ئارقىلىق ئالتە شەھەردە قاتنىيالايدۇ، بۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتناش ھەممىباب كارتىسىنىڭ تۇنجى باسقۇچى. بېيجىڭ، تيەنجىن، جاڭجياكۇۋ، لاڭفاڭ، باۋدىڭ ۋە شىجياجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەر تۇنجى بولۇپ ھەممىباب كارتىنى يولغا قويدى. 2017-يىلغىچە ئۈچ جايدىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ھەممىباب كارتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

  شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ھەممىباب كارتىسى بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لىنىيەسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باسقۇچى ئاساسىدا، كەلگۈسىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ھەممىباب كارتىسى بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرىدىغان شەھەرلەرنى كۆپەيتىپ، ئوخشىمىغان قاتناش ترانسپورت ئۇسۇلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاپتوبۇس، مېترو قاتارلىق ئاساسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ تاشيول ترانسپورتى قاتارلىق ترانسپورت مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى كېڭەيتىدىكەن. بۇ تۈرلۈك خىزمەت پىلانى 2017-يىلى تاماملىنىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر