باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول تارماقلىرى 16-دېكابىردىن باشلاپ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا كۆپەيتىلگەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى ساتىدۇ

2015.12.16 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-دېكابىر جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى 16-دېكابىردىن باشلاپ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا كۆپەيتىلگەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى ساتىدىكەن.

  2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا تۆمۈر يول باش ئىدارىسى توشۇش ئىقتىدارىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈنىگە 3488 جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2015-يىلدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش نىسبىتىدىن ٪14.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە خەرىتىدە بېكىتىلگەن يولۇچىلار پويىزىدىن 3048 جۈپ، كۆپەيتىلگەن يولۇچىلار پويىزىدىن 440 جۈپ بار.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۆپەيتىلگەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى ئالدىن 40 كۈن بۇرۇن سېتىلىدۇ، يولۇچىلار ئالاقە تورى، يانفون ئابونتى، تېلېفون، ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بىلەت سېتىش ماشىنىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر