- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كېلەر يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى مېيىپلار ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ
2015.12.16 16:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى مېيىپلار مېيىپلىق كېنىشكىسى ئارقىلىق «مېھىر كارتىسى» بېجىرسىلا، ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرالايدىغان بولدى.
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مېيىپلىق كىنىشكىسى» باش مېيىپلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا مېيىپلارنىڭ ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرۇش كارتىسى (مېھىر كارتىسى)نى بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى، مېھىر كارتىسى ئارقىلىق شەھەر رايونى ئىچىدىكى ئادەتتىكى لېنىيەدىكى ئاپتوبۇسلار ۋە BRTغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىغانلىقىنى بېكىتتى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر