باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئارمىيە ۋەكىلى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېڭەشتى

2015.12.16 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە قۇرالىق كۈچىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ۋاسلى گىراشىموف شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوسۇف دىنفود بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېڭەشتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: گىراشىموف بىلەن دىنفود سۇرىيە ۋەزىيىتى ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيسى بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۇرىيىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بېرىشتە ماھىيەتلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىلەردە ئالاقىنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ۋە رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەتلەشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر