- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى
2015.12.16 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-دېكابىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېندا روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-روسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-روسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش فاڭجېنىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش نىشانىنى ئۆزگەرتمەسلىك، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارانىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېڭى بىر يىلدا، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر