باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.12.17 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، «ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىنى بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش؛ يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، سۇ ئېلېكتر، يادرو ئېلېكتىر قاتارلىق بىر تۈركۈم پاكىز ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛ 2015-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسىنى تەستىقلاش؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي رايون خەرىتىسى (دەسلەپكى لايىھەسى)»نى ماقۇللاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىنى بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇ تېخىمۇ كەڭرى، قولايلىق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئىجازەت تۈرلىرىنى تاللاپ، شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر