باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئالمۇتا بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش چىگرا ھالقىغان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى

2015.12.17 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش چىگرا ھالقىغان ھەمكارلىقى بىرەسمىي ئۇچىرىشىش يىغىنى 11- دېكابىر قورغاستىكى جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش چىگرا ھالقىغان ھەمكارلىقىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت ئىدارىسى قانات يايدۇرغان « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سودا تۈزۈمى خەلقئارا ھەمكارلىق تەتقىقات تېمىسى »نىڭ ئەمەلىيەت جەھەتتە مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2016-يىلى 6- ئايدا دۆلەت سودا سانائەت باش ئىدارىسى « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سودا تۈزۈمى خەلقئارا ھەمكارلىق تەتقىقات تېمىسى »نى قانات يايدۇرغان بۇلۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا مەبلەغ سېلىشى ۋە سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ساياھەتتە سودا - سېتىق قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. تېما تەتقىقاتى كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىش، ئېلان باشقۇرۇشتا ھەمكارلىشىش، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قانۇنلۇق ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق بەش ئۆلكە، رايونلارنىڭ سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بىردىن تېمىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش بويىچە ھەمكارلىشىش تېمىسىنى تەتقىق ئۈستىگە ئالغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر