باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۆلكە تاشيولى S116لىنىيەسىدە شىۋىرغانلىق قار يېغىپ، قارنىڭ قېلىنلىقى 80سانتىمېتىرغا يەتتى

2015.12.17 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا گەرچە ھاۋا ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆلكە تاشيولى S116لىنىيەسى ئۈرۈمچىگە ئالتە كىلومېتىردىن 16كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يول بۆلىكىدە شىۋىرغانلىق قار يېغىپ، قارنىڭ قېلىنلىقى 80سانتىمېتىرغا يەتتى، شۇ سەۋەبتىن بۇ لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە يول ئېتىلىپ، قاتناش ئىدارە قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قار - مۇزلارنى تازىلاش خىزمىتىگە ئۈرۈمچى تاشيول شۆبە ئىدارىسى ئۈچ ئىتتىرىش ئاپتۇموبىلى، ئۈچ قوماندانلىق ئاپتوموبىلى، ئىككى تاشلاش قار ماشىنىسى، ئىككى يول تۈزلەش ماشىنىسى ۋە بىر مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى قاتارلىق جەمئىي 11ئاجراتقان، 20نەچچە ئادەم ئالدىنقى سەپتە يول ياسىماقتا، 10نەچچە ئادەم قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، بالوننى ئاسراش قاتارلىق ئارقا سەپ مۇلازىمىتى كاپالەت خىزمىتىنى قىىلماقتا. بۇ قېتىمى شىۋىرغانلىق قاردا ئۆلكە تاشيولى S116لىنىيەسى ئۈرۈمچىگە ئالتە كىلومېتىردىن 16كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يول بۆلىكىدە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، يول يۈزىدە يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى جەمئىي 70دىن 80سانتىمېتىرگە يەتكەن. شىۋىرغان ئىزچىل توختىماستىن چىقىۋاتقاچقا، بۇ يول بۆلىكىدە يول يۈرۈشىگە بولمايدىكەن، 16- دېكابىر كەچ سائەت 7يېرىملار بولغاندىمۇ ئۆلكە تاشيولى S116لىنىيەسى جىددىي رېمونت قىلىنماقتا. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر