باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2015.12.16 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جېنجۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، سىرتتىن كېلىدىغان خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئۇسۇلىنى چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى. روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ، قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموۋ، قىرغىزىستان زۇڭلىسى سارىيېۋ، تاجىكىستان زۇڭلىسى راسۇلزودا، ئۆزبېكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ھاجىموف ۋە پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف، ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا، موڭغۇلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئولۇن باتېر، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سېنگې، ئىراننىڭ ئالاقە مىنىستىرى ۋايېس، بېلوروسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئەگىر توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى، باشتىن-ئاخىر باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئۇفا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى ماقۇللاپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق لىنىيە خەرىتىسىنى پىلانلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر