- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرى بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغاچقا،900دىن ئارتۇق مەكتەپنى تاقاشنى قارار قىلدى
2015.12.16 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرى تۈنۈگۈن بومبا تەھدىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مەكتەپ رايونىدىكى يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 900دىن ئارتۇق مەكتەپنى تاقاشنى قارار قىلدى.
لوس ئانژېلىس ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، لوس ئانژېلېس مەكتەپ رايونىدىكى بىر مۇدىرىيەت ئەزاسى مەكتەپنى پارتىلىتىمىز دەپ تەھدىت سالغان تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، لوس ئانژېلېس مەكتەپ رايونى تۈنۈگۈن بۇ رايونغا قاراشلىق بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ساقچىلارغا ياردەملىشىپ مەكتەپتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشىنى قارار قىلغان. لوس ئانژېلېس مەكتەپ رايونىنىڭ مەسئۇلى كېرتىنىس شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: بۇ تەھدىت بىر-ئىككى مەكتەپكىلا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەھدىتدە ئېنىق قىلىپ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىمىز دىيىلگەن. كېرتىنىس يەنە مۇنداق دېدى: مەكتەپلەرنىڭ 16-دېكابىر نورمال ئوقۇش باشلاش-باشلىيالماسلىقى ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باغلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر