باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى مەخپىي تەتقىق قىلغان،قىلمىغانلىق ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى

2015.12.16 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئالاھىدە كېڭەش يىغىنى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ ئاۋازغا قويۇلماسلىق مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئاخىرقى باھالاش دوكلاتى ئاساسىدا ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى مەخپىي تەتقىق قىلغان ياكى تەتقىق قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان 12 يىللىق تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارار بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەتنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئىران بىلەن ھاسىل قىلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىمىدىكى تەلەپ، بۇنى مەزكۇر ئورگان كېڭىشى ماقۇللىغان. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر ئورگان ئىراننىڭ ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىم كۈچكە ئىگە مەزگىلدىكى ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى ئادا قىلغان ھەمدە بۇ ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىم ئىجرا قىلىنىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھامان، ئورگان كېڭىشى 2003-يىلىدىن بۇيان ماقۇللىغان ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار 12 قارار لايىھىسى ۋە ئىران بىلەن بولغان تېخنىكا ھەمكارلىقىغا چەك قويۇش بەلگىلىمىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر