باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۇنجى قېتىم يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى جەڭدە ئىشلەتتى

2015.12.16 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى ئىراق تەۋەسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندا ھاۋادىن يەر يۈزىگە قويۇپ بېرىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتتى دېدى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى بىلەن ئىئوردانىيەدىكى بازىسىدىن ئۇچقان ئون نەچچە ئۆتكۈنچى شامال ۋە كۆلەڭگە 2000 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتى، ئۇرۇش ئايروپىلانىغا بومبا ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ غەربىدىكى قوماندانلىق شىتابى، تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ئىسكىلاتىنىڭ ئىمارەتلىرى بومباردىمان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاراتقان يەر يۈزى ئۇرۇشىغا ھاۋادىن ياردەم بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر