باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پەيزاۋات ناھىيەسى PPP ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىپ

ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال ئىزدەندى

2015.12.18 09:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شاختا ئىككى قۇشقاچ بار، يەنە ئۈچ قۇشقاچ كېلىپ قونسا، جەمئىي قانچە قۇشقاچ بولىدۇ؟» − تۆت ياشلىق مەمەت ياسىن قولىنى كۆتۈرۈپ، راۋان ئورتاق تىلدا: مۇئەللىم، مەن بىلىمەن، دېدى. يەنە بىر سىنىپتىن بالىلارنىڭ قوشاق ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

  بۇ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ «دوستلۇق» مەركىزىي يەسلىسىدىكى مەنزىرە بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ PPP ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى.

  سەنشىلىك سودىگەر لى يىخەي بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسى ھەمكارلىشىپ قۇرغان بۇ يەسلىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە دەسلەپكى يۈز نەچچىدىن ھازىرقى 1800گە كۆپىيىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ %99ى ئۇيغۇر، مۇتلەق كۆپىنچىسى ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى دېھقانلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ.

  بالىسىنى ئالغىلى كەلگەن ھەمراگۈل ئەمەت: بۇ يەسلى بەك ياخشى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل سەۋىيەسى يۇقىرى، بالىلارغا كۆيۈنىدۇ. بۇ يەسلىدە تەربىيەلەنگەن بالىلار شۇنچىلىك جانلىق ھەم ئەدەپلىك، ئۆيى نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقتىكى كىشىلەرمۇ بالىلىرىنى بۇ يەسلىگە بېرىۋاتىدۇ، دېدى.

  بۇ يەسلىدە «پۇقرالار باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش» يولغا قويۇلغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر بىر بالا ئۈچۈن ئېيىغا 280 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ، يېزا نوپۇسىدىكى بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتىدۇ.

  پەيزاۋات ناھىيەسى بارىن بازىرى سەيخانا كەنتىدىكى دېھقان ئالىمجان ئامۇت خۇشال ھالدا: بۇ بەك ياخشى بولدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بالام مۇشۇنداق ياخشى مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، دېدى.

  ئوقۇش ھەققى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى قەيەردىن كېلىدۇ؟ پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىي ئىشتات بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر 69 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى ئارىسىدا، كەسپىي ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىدىن 51ى بار ئىكەن.ئون يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، «دوستلۇق» قوش تىللىق يەسلىسى PPP ئەندىزىسى ئارقىلىق جەلپ قىلغان ئىجتىمائىي كاپتالنى ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىگە ئىشلىتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت «ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش»تىن ھۆكۈمەت بىلەن بازار ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ھازىر مەكتەپ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىپ، تەڭ نەپ ئېلىش ئىشقا ئاشتى.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى غالى راخمان مۇنداق دېدى: يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەزى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى يولغا قويغۇسى بولسىمۇ، لېكىن مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. PPP ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مالىيە مەبلىغى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئىجتىمائىي كاپتالنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسى كېڭىيىپ، ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي كاپتال ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەڭ نەپ ئالدى.

  ھازىر پەيزاۋات ناھىيەسىدە PPP ئەندىزىسى نۇرغۇن ساھەگە كېڭىيىپ، ھەمكارلىق سۇبيېكتى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر