باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پارتىيەنىڭ تەلىپى − بىزنىڭ ۋەزىپىمىز»

2015.12.18 09:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 11 - دېكابىر ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ شۇجسى خۇ خەنمىڭ جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزدى ھەم تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى بىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، كۈرەش نىشانىمىزنى بەلگىلەپ بەردى، بىز «13 - بەش يىل»غا ئېغىر ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن كىرىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يېڭى مەزگىللىك نىشانغا يېتىش مۇساپىمىزدە بىز ھەممىدىن بۇرۇن دۇچ كېلىدىغان قىيىن نۇقتا بولغان نامراتلىق مەسىلىسى، يەنى رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ %45.8ىنى ئىگىلەيدىغان 1 مىليون 19 مىڭ نامرات ئايالنى زادى قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىككى قېتىم مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. مۇنازىرىدە نامراتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان روھىي غۇربەتچىلىكنى تۈگىتىپ، ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى كۈچىنى ئويغىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، يەنى تەشۋىقات، تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئۇلاردا كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىكى قوزغاش؛ ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش؛ كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ سانائەت باغچىسى، مەدەنىيەت بازىسى، كوپىراتىپلارغا جەلپ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. چۈنكى «13 - بەش يىل» بىزدىن ئىدىيەدە تامامەن «قاسراق» تاشلاپ، ئومۇميۈزلۈك يىپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

  «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گۈلباھار ناسىر مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى، يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۇق. «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى مەخسۇس ئاياللارغا بېغىشلانغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللارنىڭ مەنىۋى نامراتلىقىنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىز دەپ بىلىپ، ئىدېئولوگىيە جېڭى قىلىش يولى بىلەن، توغرا ئېنېرگىيە تارقىتىپ، ئاياللارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، دىلىنى يورۇتۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قەد كۆتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر