باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش كېرەك

2015.12.18 09:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال

  ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز ئۈستى مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ھازىر قۇرۇلۇش تاماملاندى. بۇ مەركەزنىڭ لايىھەلىنىشى، تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى. تەڭرىتاغدىكى بۇغدا كۆلى ۋە يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار ئۈستى مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ھازىر ھەر قايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، مۇز توپ، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، مۇز چەينەك، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ سىناق مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك يەككە تۈردىكى مۇسابىقىلەر غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 15 - دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى باسقۇچلۇق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا نىسبەتەن سىناق بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق لايىھەلەپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمال رايونىدىن شىنجاڭغا يۆتكىلىشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 54 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر مۇز ئۈستى تۈرى، قار ئۈستى تۈرى ۋە قىشلىق ئىككى تۈر، مۇز چەينەك، مۇز توپ بولۇپ جەمئىي بەش چوڭ تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىپ، 97 ئالتۇن مېدالنى تالىشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر، تاماشىبىنلار، مۇخبىرلار، پىدائىيلار ۋە خىزمەتچى خادىملار 10 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ قالىدىكەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور كۈچ بىلەن قوللىدى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن يېتەكلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىشلىنىپ، مۆلچەرلەنگەن ۋەزىپىلەر ئورۇندالدى، تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر سىناق، شۇڭا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ قېتىمقى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» مۇسابىقە قىلىپ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. سۈپەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەن خەلقئارا سەۋىيەنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن، پائال ئىلگىرىلەيدىغان روھى قىياپىتىنى نامايان قىلىشىمىز؛ تېجەشلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئىخچام، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىش مۇراسىمى سۇنۇشىمىز؛ باشلىنىش مۇراسىمىنى يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش پوزىتسىيەسى، ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭى تۇيغۇ بېرىش ئۈنۈمى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاسارىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن تاماشىبىنلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرۇشىمىز كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەر مەشىقنى كۈچەيتىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزغا شەرەپ كەلتۈرۈشى؛ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەشكىلىي كومىتېت قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق لايىھەلەپ ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ، قىزغىن، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلىشىمىز؛ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابقىسىنى مۇھىم كۆزنەك بىلىپ، شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ يارقىن ئوبرازىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جايلار، تارماقلار، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى مۇسابىقە رايونى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، قانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر