باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى

− ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2015.12.18 09:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يادرولۇق رايونغا جايلاشقان ئۈرۈمچى دۇنيا جامائەتچىلىكى كۆز تىكىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھازىر يىپەك يولىدىكى بۇ «مەرۋايىت» مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە تولدى.پۈتكۈل شىنجاڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قويغان تەلىپى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى.

  دادىل قەدەم بىلەن باشلانغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە، زامانىۋى مەدەنىيلىك كەيپىياتى كۈچىيىپ، ئۈرۈمچى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ زامانىۋى، ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، شۇنداقلا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەرگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئاسمىنى كۆك، يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇردى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2015 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن شەرىپىگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۈرۈمچى كۈچلۈك ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە مەركىزىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان نۇقتىلىق شەھەر، دېدى.

  ئۈرۈمچىلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش سىياسىي ۋەزىپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەر تەرەققىياتى بىلەن بىرىككەن يېڭى نورمال ھالەت بولۇپ، ئۈرۈمچىلىكلەر بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقىلى تۆت يىلدىن ئاشتى.

  2011 - يىل 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى 2017 - يىلى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، مۇھىت ئاسراش ۋە كۆكەرتىشنى بۆسۈش ئېغىزى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۆلچەم، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر مۇھىتى ۋە قىياپىتىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  كۈچىسىلا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ھەرىكىتى شەھەر ئاھالىلىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۈرۈمچى ئاسمىنىنىڭ سۈزۈكلەشكەنلىكى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ خۇاغا ئەڭ زور تەسىر قىلدى. ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەر» دېگەن قارا قالپىقى بار ئىدى.

  2010 - يىلى ئېچىلغان مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشنى تۈزەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىر چېگرا شەھەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ دۆلەت قاتلىمىدا تىلغا ئېلىنىشى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان ئىش.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ھاۋا بۇلغىنىشنى قەتئىي تۈزەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ سۈزۈلدۈرۈپ، ئۇنى تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى كۆپ مىللەت ئىناق ياشاشقا ماس كېلىدىغان، يېشىللاشقان ئېكولوگىيەلىك باغچىلاشقان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 2012 - يىلى شەھەر بويىچە 189 ئورۇندىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازىنىنى گاز يېقىلغۇلۇق پار قازىنىغا ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان 17 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك پار قازىنى چۇۋۇپ تاشلاندى. 2013 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش» نەتىجىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى.

  2014 - يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى%85.6كە يېتىپ، ھاۋا سۈپىتى ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈۋاتقان 74 شەھەر ئىچىدە 2009 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى ئورۇندىن 20 - ئورۇنغا ئۆتتى. 2015 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى% 86.79كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 - ئايدىكى ھاۋا سۈپىتى غەربىي شىمالدىكى شەھەرلەر ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى.

  ۋاڭ خۇا: ھازىر كۆپكۈك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلارنى كۆرەلەيدىغان، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدىغان بولدۇق، دېدى.ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېشىللىققا پۈرگەنگەنلىكى يەن شىساڭ بوۋايغا ئەڭ زور تەسىر قىلدى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە رايونلارنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %35.35كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى%38.5كە، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى% 14.76كە، رايونلارنىڭ يېشىللىق كۆلىمى 14 مىڭ 574 گېكتارغا يەتتى.

   شەھەر ئاھالىسى فېڭ شۇيۈنگە ئۆيىنىڭ ئىسسىغانلىقى بەكرەك تەسىر قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولغاچقا، پار بىلەن تەمىنلەش شەھەر ئاھالىلىرى كۆپرەك ئەرز قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

  ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدە پار بېرىش مەزگىلىدىكى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچىمى℃2±℃18 بولۇپ، تۆۋەن بولغاندا ℃16 قا يەتسە بولاتتى. 2013 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا، ئۈرۈمچىدە پار بېرىش مەزگىلىدىكى ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ℃20تىن تۆۋەن بولماسلىقى نىزام شەكلىدە تۈنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، «قىزىل ئۆكتەبىر» مەھەللىسىدىكى فېڭ شۇيۈننىڭ ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل℃22تىن چۈشمىدى. فېڭ شۇيۈن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «پار بىلەن تەمىنلەشتىن خېلى رازى بولدۇم، بۇ بىر قانچە يىل قىشتا ئۆيۈمنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃20تىن يۇقىرى بولدى» دېدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، خوجىلىق باشقۇرۇشى بولمىغان مەھەللىلەر ۋە ۋەيران بولغان كارخانىلاردىكى كونا مەھەللىلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كونا پار تۇرۇبىلىرىنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرى 853 تەۋەلىك رايوننىڭ پار تۇرۇبىلىرىنى يېڭىلاپ، 400 مىڭغا يېقىن ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ قولاي، يەنىمۇ مەدەنىي، يەنىمۇ بەختلىك قىلدى

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئەندىزە ياراتتى.

  پاكىز، تەرتىپلىك، گۈزەل − بۇ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مۇھىتىنىڭ ھازىرقى ئەينەن ئەھۋالى، بۇنى ئاساسلىقى شەھەرلىك پارتكومنىڭ تورلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن، ئادەمنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىلەردە «ھويلا - ئارانلاشقان، تورلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان، رەقەملەشكەن» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھويلا - ئارانلاشتۇرۇش» ئارقىلىق كىشىلەرنى باشقۇرۇش، «تورلاشتۇرۇش» ئارقىلىق جەمئىيەت قاتلىمىنى كۆزىتىش، «ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، «رەقەملەشتۈرۈش» ئارقىلىق جەمئىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇردى.

  مەھەللىلەردە يولغا قويۇلغان «ھويلا - ئارانلاشقان، تورلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان، رەقەملەشكەن» باشقۇرۇش ئەندىزىسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىللىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىنى باھالاشتا، ئۈرۈمچى ئېرىشكەن نومۇر ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇردى.

  يول يۈرۈشتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، شوپۇر ئەنۋەر ئەمەت «كۈندە دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى. ئۇ: مېترو 1 - لىنىيەسى، دۆلەت يولى 216 - لىنىيەسى، شەھەر شەرقىي 2 - ئايلانما لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك شەھەر ئايلانما يولى، «ئىككى كۆۋرۈك، بىر يول» قاتارلىق مۇھىم يول قۇرۇلۇشلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئاپتوموبىلنىڭ تېز كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەل قىلىندى، دېدى.

  مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۈرۈمچىنىڭ رايون ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت تورى بەرپا قىلىنىپ، غەربىي رايوننىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا مۆجىزە يارىتىلدى.مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر ئاھالىلىرىنى يەنىمۇ ئازادە تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

  ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە كۆكتات، بولۇپمۇ قىشلىق كۆكتات نىسبەتەن قىممەت بولغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرى قىشتا ئاساسەن بەرەڭگە، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن ئىدى. ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەرزان ھەم تۈرى كۆپ كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. ھازىر شەھەر بويىچە 527 كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە 100دىن ئارتۇق كالا - قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئاساسەن قاپلىغان كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش تورى شەكىللەندى.

   مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن،يەنە ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنىمۇ ئۆستۈردى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۈرۈمچى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇردى، شەھەر رايونىنى قاپلىغان تىياتىرخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزىي، كۇتۇپخانا قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىلىرى دائىم بارىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانى تارقاتتى، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار 3 مىليون پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك قوللانمىسى ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ،مەدەنىيلىكنى كۆرۈش، ئاڭلاش، قەلبىگە پۈكۈش، مېڭىسىگە سىڭدۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى.

  ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا 100دىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ھەر ۋاقىت كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، مۇلازىمەت تۈرلىرى 002 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چاچلىرى ئاقارغان مويسىپىتلارمۇ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى ئۈرۈمچىدىكى يارقىن گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

  2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قوللاش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئورۇنلاردىن تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۆز سىستېمىسى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئۈرۈمچى شەھىرىنى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزدى؛ 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا سەپەرۋەر قىلدى؛ 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانى لايىھەلەپ، ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدى ھەم مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشمىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، بارلىق كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قوللىدى...

  مەدەنىيلىك ئارقىلىق كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملىنىۋاتىدۇ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شەھەر بەرپا قىلىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن دادىل قەدەم بىلەن يۈرۈش قىلماقتا!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر