باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ

2015.12.18 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گاۋ ۋاڭشېڭ 15 - دېكابىر شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات پىلانىنى تەسۋىرلەپ.قانداق قىلغاندا شىنجاڭدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى ياراتقىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بۇ جەھەتتە دەسلەپكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى ۋە بازىلىرىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن بىر نەچچە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، دۆلەت قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى قۇرىدۇ؛ «تەڭرىتاغ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانى»نى يولغا قويىدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتلار پەن - تېخنىكا رايونى، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى ئىنكۇباتورى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ...

  بۇ تەسەۋۋۇرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنغان «ھاۋادا لەيلەپ توشۇش تېخنىكىسى»، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان «ھولوگرافىيەلىك تەسۋىر تېخنىكىسى»... قاتارلىق «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى ئۆزىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئىلغار تېخنىكىلار ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا سەھنىسىدە بارغانسېرى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  يۇقىرى تېخنىكىدا يارىتىلغان يېڭىلىقلار ۋە كەشپىيات، پاتېنتلار ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 11 مىڭغا يېقىن پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئون مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان پاتېنت ھوقۇقى 1.4كە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 12 - بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى 1.09غا يەتكۈزۈش نىشانىدىن ئېشىپ كەتتى. «ئون مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان كەشپىيات، پاتېنت ھوقۇقى مىقدارى» خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئاساسلىقى بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.

  «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 217 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون، يېمەكلىك، دورا، داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە 23 چوڭ مەخسۇس تۈرنى يولغا قويدى. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مەخسۇس تۈرلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن بىۋاسىتە پايدىلىنىش ئارقىلىق يېڭىدىن ئاشۇرۇلغان مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  «قۇياش ئېنېرگىيەسىدە پايدىلىنىدىغان مۇھىم ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنى تەتقىق قىلىش ۋە كەسپلەشتۈرۈش» ئاشۇ مەخسۇس تۈرلەرنىڭ بىرى. ھازىر بۇ تۈرنى كەسپلەشتۈرۈش خىزمىتى باشلاندى: 12 مىڭ توننا پولىكرىستاللىق سىلىكون خام ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بازىدىن بىرى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش كۆلىمى تەخمىنەن 19 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سېتىش سوممىسى 3 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. ھەر بىر كارخانىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، شىنجاڭدىكى يەككە كارخانىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى، ئېكسپورت سوممىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا ئۇل سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئازلىقتىن كۆپىيىشكىچە بولغان مىقدار ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا يوق بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى، زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش ۋە ئېلېكتىر تورى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زامانىۋىي سۈتچىلىك، سۇ بايلىقىنى سەرخىل تەقسىملەش ۋە ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق ئالتە تەتقىقات يۆنىلىشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر