باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

60يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى جوڭگوچە رەسىمچىلىككە نەزەر

2015.12.16 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە رەسىمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەسلىدە ھېچقانداق مىللىي خۇسۇسىيەت مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، كىممۇ قاڭقىل نونو، لىيەن شىىگوڭ، شى شىمىڭ قاتارلىقلار قەلىمىىدە ئىجاد بولغان ئەسەرلەرنى ھەقىقىي ئەنئەنىۋى مىللىي رەسىملىرى ئەمەس دەپ ئېيتالايدۇ؟ بۇلاردىن لىيەن شىىگوڭ،شى شىمىڭ دەل ئۇيغۇر، قاڭقىل نونو بولسا قازاق. بۇلار تارىختا خاتىرىلەنگەن رەسساملار، ئەمما سانسىزلىغان ئىسىم -فامىلىسى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغان قىزىل مىڭئۆي، دۇنخۋاڭ، يۈنگاڭ ۋە لۇڭمېن تاش ئۆڭكۈرىدىكى تام رەسىملىرىنى سىزىشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، جەزمەن كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت رەسساملىرى بار. ھازىرقى زامانغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت جوڭگوچە رەسىم رەسساملىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. شۇڭلاشقا، ئاز سانلىق مىللەت رەسساملىرىنىڭ جۇڭگوچە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللىنىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى جۇڭگوچە رەسىم ئەسلىدىلا ھەرقايسى مىللەت رەسساملىرى ئورتاق ياراتقان بەدىئىي شەكىل، ئىسمى - جىسمىغا لايىق بولغان پۈتۈن جۇڭگودىكى مىللەتلەرگە تەئەللۇق بولغان رەسىم تۈرى.

  شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت رەسساملىرىنىڭ جۇڭگوچە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللىنىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار، بىرىنچى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدىكى بۇدقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش مىزانىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە ئادەم رەسىمى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويلىغاندىنمۇ قىيىن بولغان؛ ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتتە جوڭگوچە كونا ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلەر، شېئىر، خەتتاتلىق ۋە ئەدىبلەر رەسساملىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى جۇڭگوچە رەسىمنىڭ تىپىك ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل - يېزىق جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق قوشۇلۇپ ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىق بەك كۆپ. بۇ دەل تاكى بۈگۈنگە قەدەر، زەينىگۈل ( قازاق ) ، ( قازاق ) ، غازى ئەمەت ( ئۇيغۇر ) ، تۇردى ئىمىن ( ئۇيغۇر )، لائۇلا جاخان ( قازاق )، ئەلىجان مەمەت ( ئۇيغۇر ) ، سەلىھجان شاھ ( قىرغىز ) ، نۇرمەمەت ئابلىز ( ئۇيغۇر ) قاتارلىق بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز ساندىكى بىرنەچچە رەسسام چىقىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. بۇ خىل ئاز سانلىق مىللەت رەسساملىرى ئومۇمەن ئىككى خىل تىپقا ئايرىلىدۇ، بىر خىلى، مەخسۇس جۇڭگوچە رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەسسام، يەنە بىر خىلى، جۇڭگوچە رەسىم ئىجادىيىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان رەسسام. ئالدىنقىسى ئىچىدە نەتىجىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى تۇردى ئىمىن ئەپەندى، كېيىنكىسىدە تەسىرى ئەڭ زور بولغىنى غازى ئەھمەت ئەپەندىمدۇر.

  تۇردى ئىمىن ئەپەندى 1951 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بۇلۇپ، 1972 -يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ جۇڭگوچە رەسىم كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىدە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەپ، 1986 - يىلى شىنجاڭ رەسساملار يۇرتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. تۇردى ئىمىن ئەپەندى جۇڭگوچە پورتىرىت رەسىمگە ئۇستا، دەسلەپكى مەزگىللەردە نەپىس سىزمىغا ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە ئەركىن سىزمىنى ئاساس قىلغان، ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت بويىچە گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىگە تاللاپ قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ رەسىم ئۇسلۇبى كۈسەن سەنئىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، شۇڭا قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئەسەرلىرى ئاساسەن يېزا بازار ۋە ئەلئارا ئۇسسۇلنى ماتېرىيال قىلغان، قويۇق ئاز سانلىق مىللەت تۇرمۇش پۇرىقىنى نامايان قىلغان. غازى ئەھمەت ئەپەندى داڭلىق ماي بوياق رەسسامى بۇلۇپ، 20يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگوچە رەسىمگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نۇرغۇن جۇڭگوچە پورتىرىت رەسىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئوبراز يارىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، بولۇپمۇ كۆپ خىل پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەش ماھارىتى پۇختا،بۇ غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ جۇڭگوچە پورتىرىت رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. غازى ئەھمەت ئەپەندى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن جۇڭگوچە رەسىمچىلىكتە ئۆز ئورنىنى تىكلەپلا قالماستىن، ئۆزىگە خاس رەسىم ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ گۈزەل – سەنئەت ساھەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت جۇڭگوچە رەسىم رەسساملىرى يەنە خېلىلا كۆپ، مەسىلەن، رۇگوڭ جىيەنشىن ( مانجۇ )،لوڭ چىڭلىيەن ( مياۋزۇ )، بايار ( موڭغۇل )، ما چۈەنيى ( خۇيزۇ )، فۇرىنا ( داغۇر )، ما شىيىڭ ( خۇيزۇ ) قاتارلىقلار مۇ بار. بۇ ئاپتورلارنىڭ جۇڭگوچە رەسىم بىلەن شۇغۇللىنىش جەھەتتە ئۇچرىغان چەكلىمىسى بەك چوڭ بولمىغاچقا، بۇ يەردە نۇقتىلىق بايان قىلىنمىدى. (مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر