باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئون ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.12.16 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-دېكابر، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئون ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىپىك دېلولارنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، بۇ ئون دېلو ئايرىم - ئايرىم ھالدا :

   1.دۆربىلجىن ناھىيەسى جېلئاغاش بازارلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى خېيبۇرات زەينالخان ئاھالىلىرىنىڭ نامى بىلەن ئوتلاقنىڭ كۆلىمىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، ئالدامچىلىق بىلەن ئوتلاق ياردەم پۇلىنى ئالغان، ھەمدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق خىراجەت قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى ۋە مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلدى.

   2.چاغانتوقاي ناھىيىسى جېڭىس يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لوڭ ۋېيشىن، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇش جەريانىدا، پارتىيىدىن چىقىرىۋىتىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.

  3. دۆربىلجىن ناھىيىسى مارالسۇ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ سابىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى جاباش ئەكبەر، كەنت اھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خالبىيات راقىمباي، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق يەرنى ھۆددىگە بەرگەن، ھەمدە ئىنتىزامغا خىلاپ ئۇدۇللۇق يەر ھۆددە ھەققىنى خەجلىۋەتكەن، ئىككىسىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى بېرىلدى.

  4. شىخۇ شەھىرى جاخوزا يېزىسى ئارارىلار كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەسەنجان ئەمەت بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ھۆددىگە ئېلىپ ھەققىنى ئۇدۇللۇق چىقىم قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  5. ساۋەن ناھىيىسى شىگوبى بازىرى يالغۇز تاغلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قىزىلباي سارسانباي بەلگىلىمىگە خىلاپ كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى ئۇدۇللۇق خەجلىۋەتكەن، باشقىلاردىن پۇل -مال ئالغان، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  6. ساۋەن ناھىيىسى شىگوبى بازىرى جىنخېپەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنخۇا بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇغداي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيال ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى، سورتلۇق ئۇرۇق ياردەم پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى بېرىلدى.

  7. ساۋەن ناھىيىسى سداۋخوزا بازىرى گاۋتۇجاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۆ ۋېخۇي بەلگىلىمىگە خىلاپ كوللېكتىپ يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش خىراجىتىنى ئۇدۇللۇق خەجلىۋەتكەن بولۇپ، پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل كۆزىتىش چارىسى بېرىلدى.

  8. تولى ناھىيىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى دۇللا مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ خابۇلھازەھ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق فوندىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىگىلەپ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى بېرىلدى.

  9. تولى ناھىيەسى دولاتى يېزىسى قۇجۇرتاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاينات ئايدال بەلگىلىمىگە خىلاپ يەرنى ھۆددىگە بەرگەن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  10. قوبۇقسار ناھىيەسى نارىنخوبوگ چارۋىچىلىق مەيدانى ئارىخەلات كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە كەنت مۇدىرى تۇبودېن دونا بەلگىلىمىگە خىلاپ يايلاق ئېكولوگىيە قوغداش مۇكاپاتى ياردەم پۇلى ئىسىملىكىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى : ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۆڭۈلگەپۈكۈپ، ئۆشنىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇشى كېرەك، ھەم كادىرلارنى ئوبدان تاللىشى كېرەك، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.(مەلىكەم )

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر