باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ

2015.11.26 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ2015-2016ئوقۇش يىلى بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتىنى ئېلان قىلدى، ئوتتۇرا مەكتەپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى 6-يىلى 1-ئاينىڭ 12-،13-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىشلىق تەتىل مۆلچەرلىنىشچە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئومۇمەن ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتدىغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئىمتىھان كۈن تەرتىپى ۋە ۋاقىت بويىچە ئىمتىھان ئېلىشى لازىم، ھەرقانداق مەكتەپنىڭ ئىمتىھاننىڭ كۈن تەرتىپى ۋە ۋاقىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر تەرتىپىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەقلىدى ئىمتاھانى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى،26-كۈنى ۋە 27-كۈنى ئېلىنىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر