باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى

2015.12.14 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى)

  2020 – يىلغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە. نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىلدى:

  بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشقا بولغان بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك

  نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم بۇرچى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى 700 مىليون نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتۇق. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە يۆلەش – ئېچىش يولىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتۇق.

  مەملىكىتىمىزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى بىر قىسىم ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە نامراتلارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ، قېپقالغان نامراتلار بەكرەك نامرات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تەننەرخ تېخىمۇ يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تېخىمۇ قىيىن. 2020 – يىلىغا بارغاندا 70 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋاقىت ناھايىتى قىس، ۋەزىپە ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا، ھازىرقى ئاساستا نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقئارادىكى ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مۇھىم بەلگە، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتتىكى ئىچكى ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى چوقۇم مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى؛ ئىدىيەۋى تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، تۈزۈم ۋە مېخانىزم مۇكەممەل بولماسلىق، خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىدىكى گەۋدىلىك يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تۈگىتىپ، بىر رايون، بىر مىللەتنىمۇ قاتاردىن چۈشۈرۈپ قويماي، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى پىكرى››دە بېكىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى

  (1) يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسىي ئىستراتېگىيە قىلىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەش بىلەن قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنى ئېچىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش – ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، يۆلەش – ئېچىش بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئالاھىدە تەدبىر ۋە قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  (2) ئومۇمىي نىشان

  2020 – يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ قۇرسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇلىدۇ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىدىكى كۆرسەتكۈچلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات ھېسابلىنىدىغان يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىدۇ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  (3) ئاساسىي پىرىنسىپ

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بىرىنچى قول رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە كەنت بەش دەرىجىلىك ئورۇننىڭ شۇجىلىرى بىرلىكتە تەڭ تۇتۇشى كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بازار بىلەن جەمئىيەتنى تەڭ كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، ئالدىن بېيىغانلارنى بېيىمىغانلارغا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ يۆلەش، ساھەلەر يۆلەش، ئىجتىمائىي كۈچلەر يۆلەشتەك بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان كەڭ كۆلەمدىكى يۆلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، يۆلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش ۋە قانداق يۆلەش مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ‹‹گۈزەل مۇھىت بايلىق›› دېگەن ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ئاممىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامراتلارنى ئېچىش شەكلىدە يۆلەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت يۆلەش بىلەن نامراتلار ئۆزى تىرىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلارنى ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنىڭ ئۆزىنى – ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىش يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹ئۇلۇغ سۇدا سۇغىرىش››تىن ‹‹دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش››قا يۈزلىنىش؛ نامراتلارنى يۆلەشتىكى بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل ۋە تارقاق بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش؛ يۆلەش – ئېچىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹قان بېرىش››قا ئەھمىيەت بېرىشنى ‹‹قان ئىشلەش››كە ئۆزگەرتىش؛ نامراتلارنى يۆلەشنى باھالاش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك

  (4) نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە كارتا تولدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ياخشى ئاساس سېلىش، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەكشىلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك. يۆلەش ئوبيېكتى ئېنىق بولۇش، تۈرلەرنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق خادىم ئەۋەتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان، كارتىسى تولدۇرۇلغان نامراتلاردىن 50 مىليوندەك كىشىنى كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، باشقا جايغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش؛ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن مەھرۇم قالغان نامراتلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان، كارتىسى تولدۇرۇلغان نامرات كەنت، نامرات ئائىلە ۋە نامراتلارنى قەرەللىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، دەل جايىدا يۆلەش توغرىسىدا ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. نامرات بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەلىپىگە ئاساسەن، نامرات ئاھالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ يۆلەش كېرەك. نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقان ئائىلىلىرىنى نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەردىن مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملىق بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا يەنە خېمىغا يېنىپ كېتىدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى يۆلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا قاتتىق، قېلىپلاشقان ۋە ئاشكارا ئۆلچەم، تەرتىپ ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش چارىلىرىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىشنى ناھىيە ئىلتىماس قىلىدۇ، شەھەر (ۋىلايەت) دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ، ئۆلكە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەنگە ئېلىشقا يوللاپ بېرىدۇ. نۇقتىلىق ناھىيەلەر نامرات ناھىيەلەر ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىلگىرى يولغا قويغان نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىنى تېزدىن چىڭ تۇتۇپ تۈزۈش كېرەك. جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىن قانچىلىك رازى بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى 3 – تەرەپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئۈنۈمىنى باھالىغاندا، ھەم نامراتلارنىڭ قانچىلىك ئازايغانلىقىنى، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرسەتكۈچلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق، ساختىلىق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  (5). ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. مەخسۇس سىياسەت تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىككە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، نامرات كەنتلەر بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشى ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. نامرات كەنتلەردە ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش››تەك كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلار كۆپ قاتناشقان بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك بازىلىرىنى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلاردا دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ نامرات ئاھالىلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇلارغا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، 1 – ، 2 – ۋە 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنى يېزا ئىگىلىكنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سېتىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق يۆلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى سۇ، ئېلېكتىر، كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارنى ئىلمىي يوسۇندا مۇۋاپىق ھەم تەرتىپلىك ئېچىپ، بايلىقنى ئېچىش پايدىسىنى تەقسىملەش سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۇ ئېلېكتىردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توك چىقىرىش داۋامىدا ئاجرىتىلغان مەبلەغنى ئالدى بىلەن سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە ۋە سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئىشلىتىش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا نامرات رايونلاردىكى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىشقا يېتەكلەپ، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ مەبلەغنى ئاساسلىقى كارخانىلارنى نامرات رايونلاردا بايلىقنى ئېچىشقا، كەسىپلەر رايونى قۇرۇشقا، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.

  (6) ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش پىلانى ۋە نامرات ئائىلىلەرنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنى يۆلەش بىلەن كەسپىي مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاز دېگەندە بىر خىل بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ماھارىتىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن نامرات رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنى نامرات رايونلاردا ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلام ئەمگەكچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، زاكاز بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىدىغان جاي بىلەن ئەمگەكچىلەرنى كىرگۈزىدىغان جايلارنىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتىنى ئۇدۇللاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنى ئۆلكە ئاتلاپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان نامرات يېزا ئاھالىلىرىگە قاتناش ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نامرات رايونلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. شەھەر – بازارلاردا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن نامرات يېزا ئاھالىلىرىگە يەرلىك ھۆكۈمەت مۇناسىپ ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەم ئۇلارنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشى، شەھەر – بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بار نامرات يېزا ئاھالىلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەر نوپۇسىغا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  (7) باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. ياشاش شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى نامرات يېزا ئاھالىلىرىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش،ئىجابىي ھەم مۇقىم بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جايلار ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قارىتا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، كۆچۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچەلەيدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان، باي بولالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، شارائىتى بار ئورۇنلارنىڭ كىچىك بازارلارغا، سانائەت رايونلىرىغا تايىنىپ ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كۆچۈرۈشىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مەركەز خامچوتىنىڭ ئىچكى سېلىنمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغنىڭ كېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتناش قۇرۇلۇشى، ئېتىز – ئېرىق، سۇ ئىنشائاتى، يەرلەرنى تۈزەش، گېئوئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىككە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغنى پائال بىرىكتۈرۈپ، نامراتلار كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان رايونلارنىڭ سەپلىمە جامائەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلار كۆچۈپ چىققان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىشلىتىدىغان يەرلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش كېرەك. كۆچۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش كېرەك. نامراتلار كۆچۈپ ئورۇنلاشقان نۇقتىلارنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن يېزىلاردىكى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھەقلىق قايتۇرغان ئۆيلىرى بىلەن يەرلىرىگە باشقا جايلاردىن كۆچۈرۈلگەن دېھقان ئائىلىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  (8) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا بىرلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت يولغا قويغان تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، قۇم – شېغىللىشىشنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يانتۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قاتارلىق زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشلىرىغا تۈر ۋە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرغاندا، نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مايىل بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قاتناشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمىنى كۆپەيتىش كېرەك. دۆلەت باغچىسى قۇرۇش تۈزۈلمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تولۇقلىمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار بىر قىسىم نامرات ئاھالىلەرنى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان خىزمەتلەرگە قويۇش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئېتىزلىقلىرىنى قوغداش كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، پاراۋانلىق ئورمىنىغا تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەش مېخانىزمى ۋە يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشقا تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار ئارىسىدىكى توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (9) مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى تەقسىملىگەندە نامرات رايونلارغا، ئاساسىي مائارىپقا مايىل بولۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى مەبلەغ ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاھىدە ئىشتات پىلانى، دۆلەت تەربىيەلەش پىلانىنى نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نامرات رايونلاردىكى يېزا مەكتەپلىرىگە شۇ يەردە قالالايدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش چارىلىرىنى تۈزۈپ، ئۆلكىنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شەھەر ۋە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇۋاپىق يۆتكەش ۋە ئۇلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۇتاشما نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر