باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ئارقىلىق، يىراق كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

2015.12.15 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئورگان كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بۇ خىل نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش خىزمىتى قاينام-تاشقىنلىق بىلەن ئىشلەنمەكتە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قۇرۇم توغراق كەنتى تارىم ئويمانلىقى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان. پۈتۈن كەنتتىكى 473 ئائىلە ئىچىدە 154 نامرات ئائىلە بار ئىدى، 101 ئائىلە تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدايتتى. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزار ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ كەنتكە ئورۇنلىشىپ، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يەردىكى نامرات ئائىلىلەرگە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جاڭ ۋېي-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى، ئۇ ھازىر يەنە قۇرۇم توغراق كەنتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى. زىيارەت جەريانىدا، جاڭ ۋېي بۇ كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردە ئۇلارغا بىر گىلەم كارخانىسى قۇرۇپ، بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، زىچ توپلىشىپ ئەمگەك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش قارارىغا كەلدى. گىلەم كارخانىسىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن، جاڭ ۋېي تېخنىك تەكلىپ قىلدى، گىلەم توقۇش جازىسى ۋە كۇرسانتلارنى تەربىيەلەشكە كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە ئەسۋابلارنى سېتىۋالدى. كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، گىلەمچىلىك شىركىتى بىلەن خام ئەشيا، سېتىشنى ئۈستىگە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر يېڭى تەرەققىيات يولى بۇ قەدىمىي كەنتتە بارلىققا كەلدى. بۇ كەنتتىكى 22 ياشلىق مېھرىگۇيا ئوبۇل مۇنداق دېدى: گىلەم كارخانىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى-بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، بۇرۇن بىز دېھقانچىلىق قىلاتتۇق، قەرزىمىزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولىمىزغا ھېچنىمە ئاشمايتتى، مېنىڭ بۇرۇن گىلەم توقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، لېكىن بۇ يەردە گىلەم كارخانىسى يوق ئىدى. جاڭ شۇجى كەلگەندىن كېيىن، گىلەم كارخانىسى قۇرۇپ، بىزگە بېيىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ ئىشقا ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر