باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.12.15 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 10-دېكابىر جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەر قايسى دېموكراتىك گۇرۇھلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە، گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، جۇڭگو ئىشىچى-دېھقانلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، جۇڭگو 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، جۇڭگو تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە، گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۈي سۆز قىلدى. ئۇلار مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بولغان تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئوي پىكىرلىرىگە قوشۇلدى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېمال بويۇملىرى سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ساغلام، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر