باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخۇا نۇسخىسىدىكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2015.12.15 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خاس ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئالىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ئالدىغا لايىھەلىگەن «چىڭخۇا نۇسخىسى»دىكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تۈنۈگۈن سىرتقا ئېلان قىلىندى. بۇ 1981-يىلى «ئۇنۋان نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تارقىتىشى ھېسابلىنىدۇ. «چىڭخۇا نۇسخىسى»دىكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىدە دۆلەت گىربىنىڭ رەسىمى ئىشلىتىلمەي، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىزنىكى ئىشلىتىلگەن ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامى، تەلىمى، گۈلى، رەڭگى، كۆلى، دەرسخانىسى، قۇياش سائىتى قاتارلىق يادرولۇق مەدەنىيەت بەلگىلىرى قوشۇلغان.

  مۇخبىرنىڭ كۆرىشىچە، «چىڭخۇا نۇسخىسى»دىكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە گۇۋاھنامە قېپىنىڭ لايىھەسىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرىدىن باشقا يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامى، ئىزنىكى، تەلىمى، ئىستىلى، گۈلى، رەڭگى، كۆلى، دەرسخانىسى، قۇياش سائىتى، زالى قاتارلىق يادرولۇق مەدەنىيەت بەلگىلىرى ئەپچىللىك بىلەن قوشۇلۇپ، ھەم چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسلۇبى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەم ئېستېتىك گۈزەللىك قوشۇلۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر