باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى

2015.12.15 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-دېكابىر تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا «پارىژ كېلىشىمى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ماقۇللىنىپ، 2020-يىلدىن كېيىن دۇنيا ھەمكارلىشىپ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتى ۋە نىشانى كۆرسىتىلدى، بۇ دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان چوڭ ئىش. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، پارىژ يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. پارىژ يىغىنى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىنىڭ ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقى شۇنداقلا باشقا دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى، ئامېرىكا بىلەن زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر