باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

2015.12.15 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 14-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان جايلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش تۈرى 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

  بۇ نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىشنىڭ مەمۇرىي تارماقلار سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار بىلەن نۇقتىدا بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاشتەك «ئىككى قەدەم»دىن پەقەت بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاشتەك «بىر قەدەم»گە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش روھى ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ مەركەز بېكىتكەن جايلار يولغا قويىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 62 تۈرلۈك تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېلىشىمىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، بۇنى مۇقىملاشتۇرغان.پىكىردە مۇنۇلار مۇقىملاشتۇرۇلدى: بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان جايلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بولۇش شەرتلىرىنى جەمئىيەتكە پائال ئاشكارىلايدۇ، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى دەرىجە، تۈر، مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى شەرتكە سېلىشتۇرۇپ ئىختىيارىي ھالدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلىرىغا داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ نۇقتىدا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتى بولۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئالدىن تەستىقلىمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر