باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يىغىنغا شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقىلدى، يىغىنغا يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار قاتناشتى

2015.12.18 09:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 10 - دېكابىر جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۈي قاتارلىقلار بەس - بەستە سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويىنى قوللىدى ھەم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستېمال بۇيۇملىرى - سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ساغلام جۇڭگو، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى ياخشىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلاش. كۆپچىلىك ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇلارنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىمىز.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىرىك پىلان تەكلىپنى تۈزۈش داۋامىدا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ناھايىتى ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى، مەن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدىم. 5 - ئومۇمىي يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىش سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلاشتۇق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، 80 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ - پىكىر بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. يولداشلار دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىجيې تەجرىبە رايونى ۋە مەركەزلىك، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارغا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىپ، بىر تۈركۈم كوزىر تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئاساسىي نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرىمىز. 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشانغا يېتىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. بۇ بىزنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلغانلىقىمىزنىڭ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئىزدەنگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى. كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. بىز جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كېلەر يىلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، بولۇپمۇ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل بولىدۇ. ئىستراتېگىيە جەھەتتە جەزمەن مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، تاكتىكا جەھەتتە مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل بىرلىك سەپ قۇرۇلۇشى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلگەن يىل بولدى. مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدۇق. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، ئىختىساسلىقلار جەم بولۇش، ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەلەر كېڭىشىشىنى يولغا قويۇش −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، كېڭىشىشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا نىسبەتەن، پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەلەر كېڭىشىشىگە قاتناشقۇچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيەلەر كېڭىشىشىدىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم شەكلىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر