باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك

2015.12.18 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېشىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئېچىۋېتىلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پاك دىيانەتلىك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر ئېسىل، ئاجايىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك كاتتا مۇسابىقە قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىلاننى ئالدى بىلەن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىش، تۈرلۈك تەييارلىق ۋەزىپە نىشانلىرى ئېنىق، نۇقتا توغرا، مەسئۇلىيەت ئوچۇق بولۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇسابىقە ئېھتىياجى، مۇسابىقىدىن كېيىنكى پايدىلىنىش ۋە مۇھىتىنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش، مەيدانلار قۇرۇلۇشىنى نەپىس يارىتىش كېرەك. مۇسابىقىگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلار، تاراتقۇ قاتارلىقلارنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. قار مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاممىنى قار مۇز تەنھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، قىزغىن سۆيۈش ۋە قاتنىشىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت ماھارىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تىرىشىپ ئەلا نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ بارلىق جەريانلىرىغا سىڭدۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش بىرلىشىپ قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ جاڭ جياكوۋ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېز ياخشىلاش. خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى يەر شارىلىق نەزەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىچكى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇش ئاپپاراتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، قائىدە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر