باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرىدا 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى روھىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

2015.12.15 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرى ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ئاياللار مۇدىرلىرى ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىن روھى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 10-يىغىنىڭ روھىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى.

  مۇسابىقە مەجبۇرىي جاۋاپ بېرىش، تالىشىپ جاۋاپ بېرىش، قىيىن سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ناھايىتى جىددىي ۋە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە ئارىلىقىغا يەنە مۇكاپاتلىق سوئالغا جاۋاپ بېرىش ھالقىسى قىستۇرۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىك پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومومىي يىغىنىنىڭ روھى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى يارقىن نۇقتىلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى سىياسەت، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك توغرا ئىگىلىدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، غوروچۆل بازىرى بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىياز پەسىللىك تەربىيەلەشنى ئالدىن پىلانلاپ ۋە باشلاپ، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئەدەبىي سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەردە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەمدە دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئاڭلىقلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، غوروچۆل بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر